مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىغا چۇشكەن ۋەھي توغرىسىدا
وَلَقَدْ مَنَنَّا عَلَيْكَ مَرَّةً أُخْرَىٰ
(بۇنىڭدىن باشقا) ساڭا يەنە بىر قېتىم ئىنئام قىلغان ئىدۇق[37].
إِذْ أَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّكَ مَا يُوحَىٰ
ئۆز ۋاقتىدا ئاناڭنىڭ كۆڭلىگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق بىلىنىدىغان نەرسىلەرنى سالدۇق»[38].
أَنِ اقْذِفِيهِ فِي التَّابُوتِ فَاقْذِفِيهِ فِي الْيَمِّ فَلْيُلْقِهِ الْيَمُّ بِالسَّاحِلِ يَأْخُذْهُ عَدُوٌّ لِّي وَعَدُوٌّ لَّهُ ۚ وَأَلْقَيْتُ عَلَيْكَ مَحَبَّةً مِّنِّي وَلِتُصْنَعَ عَلَىٰ عَيْنِي
(ئېيتتۇقكى) «ئۇنى (يەنى بالىنى) ساندۇققا سالغىن، ئاندىن ئۇنى (ساندۇق بىلەن) دەرياغا تاشلىغىن، دەريا ئۇنى قىرغاققا تاشلىسۇن، ئۇنى مېنىڭ دۈشمىنىم ۋە ئۇنىڭ دۈشمىنى بولغان (پىرئەۋن) ئېلىپ (باقسۇن)». مېنىڭ قوغدىشىم ئاستىدا تەربىيەلىنىشىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەن تەرەپتىن بولغان مۇھەببەتنى سالدىم[39].
وَأَوْحَيْنَا إِلَىٰ أُمِّ مُوسَىٰ أَنْ أَرْضِعِيهِ ۖ فَإِذَا خِفْتِ عَلَيْهِ فَأَلْقِيهِ فِي الْيَمِّ وَلَا تَخَافِي وَلَا تَحْزَنِي ۖ إِنَّا رَادُّوهُ إِلَيْكِ وَجَاعِلُوهُ مِنَ الْمُرْسَلِينَ
مۇسانىڭ ئانىسىغا ئىلھام بىلەن بىلدۈردۇقكى: «مۇسانى ئېمىتكىن، ئۇنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن قورقساڭ، ئۇنى (ساندۇققا سېلىپ) دەرياغا (يەنى نىل دەرياسىغا) تاشلىغىن، ئۇنى (ھالاك بولارمىكىن دەپ) قورقمىغىن، (ئۇنىڭ پىراقىدىن) قايغۇرمىغىن، ئۇنى ساڭا چوقۇم قايتۇرىمىز ۋە ئۇنى پەيغەمبەرلەردىن قىلىمىز»[7].