ئاخىرقى تەشەھھۇدتىن كېيىن سالامدىن ئىلگىرى ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿اللَّهُــمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَمِنْ عَذَابِ جَهَنَّمَ، وَمِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ، وَمِنْ شَرِّ فِتْنَةِ الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ﴾
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن قەبرە ئازابىدىن، دوزاخ ئازابىدىن، ھايات - مامات پىتنىسىدىن، دەججالنىڭ پىتنىسىنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَعوذُ بِكَ مِنْ عَذَابِ الْقَبْرِ، وَأَعوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَسِيحِ الدَّجَّالِ، وَأَعوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الْمَحْيَا وَالْمَمَاتِ. اللَّهُمَّ إِنِّي أَعوذُ بِكَ مِنَ الْمَأْثَمِ وَالْمَغْرَمِ﴾
«ئى ئاللاھ! قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن، دەججالنىڭ پىتنىسىدىن ساڭا سىغىنىمەن، ھايات - مامات پىتنىسىدىن ساڭا سىغىنىمەن. ئى ئاللاھ! گۇناھ - مەسىيەتتىن، قەرزدارلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي ظُلْماً كَثِيراً، وَلاَ يَغْفِرُ الذُّنوبَ إِلاَّ أَنْتَ، فَاغْفِرْ لِي مَغْفِرَةً مِنْ عِنْدِكَ وَارْحَمْنِي، إِنَّكَ أَنْتَ الغَفورُ الرَّحيمُ﴾
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن ئۆزۈمگە كۆپ زۇلۇم قىلدىم، گۇناھلارنى سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن، ئۆز پەزلىڭ بىلەن مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن. سەن ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە كۈيۈنگۈچىسەن.» [بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي مَا قَدَّمْتُ، وَمَا أَخَّرْتُ، وَمَا أَسْرَرْتُ، وَمَا أَعْلَنْتُ، وَمَا أَسْرَفْتُ، وَمَا أَنْتَ أَعْلَمُ بِهِ مِنِّي. أَنْتَ الْمُقَدِّمُ، وَأَنْتَ الْمُؤَخِّرُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ﴾
«ئى ئاللاھ! مېنىڭ ئىلگىرى ۋە كېيىن، مەخپى ۋە ئاشكارا قىلغان گۇناھلىرىمنى، ھەددىن ئاشقانلىقىمنى ۋە سەن مەندىن ئوبدان بىلىدىغان گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلغىن. سەن ئەزەلدىن بار بولغان ۋە مەڭگۈ قالىدىغان زاتسەن، سېنىڭدىن ئۆزگە ئىبادەت قىلىنىشقا ھەقلىق مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ أَعِنِّي عَلَى ذِكْرِكَ، وَشُكْرِكَ، وَحُسْنِ عِبادَتِكَ﴾
«ئى ئاللاھ! سېنى زىكرى قىلىشىمغا، ساڭا شۈكۈر قىلىشىمغا ۋە ساڭا گۈزەل قۇلچىلىق قىلىشىمغا ياردەم قىلغىن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسائى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِكَ مِنَ الْبُخْلِ، وَأَعوذُ بِكَ مِنَ الْجُبْنِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ أَنْ أُرَدَّ إِلَى أَرْذَلِ الْعُمُرِ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْ فِتْنَةِ الدُّنْيَا وَعَذَابِ الْقَبْرِ﴾
«ئى ئاللاھ! بېخىللىقتىن ساڭا سىغىنىمەن، قورقۇنچاقلىقتىن ساڭا سىغىنىمەن، بەك قېرىپ كېتىشتىن ساڭا سىغىنىمەن، دۇنيانىڭ پىتنىسىدىن ۋە قەبرە ئازابىدىن ساڭا سىغىنىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْجَنَّةَ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ النَّارِ﴾
«ئى ئاللاھ! مەن سەندىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ بِعِلْمِكَ الغَيْبَ وَقُدْرَتِكَ عَلَى الْخَلقِ أَحْيِنِي مَا عَلِمْتَ الْحَيَاةَ خَيْراً لِي، وَتَوَفَّنِي إِذَا عَلِمْتَ الْوَفَاةَ خَيْراً لِي، اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ خَشْيَتَكَ فِي الْغَيْبِ وَالشَّهَادَةِ، وَأَسْأَلُكَ كَلِمَةَ الْحَقِّ فِي الرِّضَا وَالْغَضَبِ، وَأَسْأَلُكَ الْقَصْدَ فِي الْغِنَى وَالْفَقْرِ، وَأَسْأَلُكَ نَعِيماً لاَ يَنْفَدُ، وَأَسْأَلُكَ قُرَّةَ عَيْنٍ لاَ تَنْقَطِعُ، وَأَسْأَلُكَ الرِّضَا بَعْدَ الْقَضَاءِ، وَأَسْــــأَلُكَ بَرْدَ الْعَيْشِ بَعْدَ الْمَوْتِ، وَأَسْأَلُكَ لَذَّةَ النَّظَرِ إِلَى وَجْهِكَ، وَالشَّوْقَ إِلَى لِقائِكَ فِي غَيرِ ضَرَّاءَ مُضِرَّةٍ، وَلاَ فِتْنَةٍ مُضِلَّةٍ، اللَّهُمَّ زَيِّنَا بِزِينَةِ الإِيمَانِ، وَاجْعَلْنَا هُدَاةً مُهْتَدِينَ﴾
«ئى ئاللاھ! غەيبى ئىلمىڭ بىلەن، مەخلۇقلىرىڭ ئۈستىدىكى قۇدرىتىڭ بىلەن، مەن ئۇچۈن ھاياتلىقنى ياخشى، دەپ بىلسەڭ (مەن ئۈچۈن ھاياتلىق خەيرلىك بولغان بولسا)، مېنى ھايات قالدۇرغىن، ئەگەر مەن ئۈچۈن ئۆلۈمنى ياخشى، دەپ بىلسەڭ (مەن ئۈچۈن ئۆلۈم خەيرلىك بولغان بولسا)، مېنى ۋاپات قىلدۇرغىن. ئى ئاللاھ! مەن ئاشكارا - يوشۇرۇن ھالەتلەردە سەندىن قورقىدىغان بولۇشنى سورايمەن، مەمنۇنلۇق ۋە خاپىچىلىق ھالەتلىرىدىمۇ ھەق سۆزلەشنى سورايمەن، بايلىق ۋە نامراتلىق ھالەتلىرىدىمۇ سېنى كۆزلەشنى سورايمەن، تۈگىمەس نېمەت سورايمەن، تۈگىمەس خۇشاللىق سورايمەن، ھۆكمىڭگە رازى بولىدىغان قىلىشىڭنى سورايمەن، ئۆلگەندىن كېيىن ياخشى ھايات ئاتا قىلىشىڭنى سورايمەن، ئازدۇرغۇچى پىتنىنىڭ ۋە زىيانكەشلىك قىلغۇچىنىڭ يامانلىقىدىن ساقلانغان ھالدا گۈزەل جامالىڭغا قاراشقا مۇيەسسەر بولغان ھالدا ساڭا ئۇچرىشىشنى سورايمەن. ئى ئاللاھ! بىزنى ئىمان زىننىتى بىلەن زىننەتلىگىن. بىزنى توغرا يولدا ماڭغۇچى ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچىلاردىن قىلغىن.» [نەسائى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ يَا أَللَّهُ بِأَنَّكَ الْوَاحِدُ الْأَحَدُ الصَّمَدُ الَّذِي لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يولَدْ، وَلَمْ يَكنْ لَهُ كُفُواً أَحَدٌ، أَنْ تَغْفِرَ لِي ذُنُوبِي إِنَّكَ أَنْتَ الْغَفُورُ الرَّحِّيمُ﴾
«ئى ئاللاھ! سەن ھىچ تەڭدىشى بولمىغان، پەرزەنتىمۇ بولمىغان، ئاتا - ئانىسىمۇ بولمىغان، ھەممىنىڭ ئېھتىياجى چۈشىدىغان يەككە - يېگانە زاتتۇرسەن. ئى ئاللاھ! مەن سەندىن گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىلىشڭنى سورايمەن. شۈبھىسىزكى، سەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى ۋە دائىمى مېھرىبانسەن.» [نەسائى ۋە ئەھمەد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِأَنَّ لَكَ الْحَمْدَ لَا إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ، الْمَنَّانُ، يَا بَدِيعَ السَّمَوَاتِ وَالْأَرْضِ يَا ذَا الْجَلاَلِ وَالْإِكْرَامِ، يَا حَيُّ يَا قَيُّومُ إِنِّي أَسْأَلُكَ الْجَنَّةَ وَأَعُوذُ بِكَ مِنَ النَّارِ﴾
«ئى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن جىمى ھەمدۇ سانانىڭ ساڭا خاسلىقىنى، سەندىن باشقا ھىچ ئىلاھ يوقلىقىنى، سېنىڭ يەككە - يېگانە، تەڭداشسىزلىقىڭنى، كۆپ ئىنئام قىلغۇچى ئىكەنلىڭنى شېپى كەلتۈرۈپ (تىلەكلىرىمنى) سورايمەن. ئى كەرەملىك ئۇلۇغ ئاللاھ! ئى ئاسمان - زېمىننى نەمۇنىسىز ياراتقۇچى ئاللاھ! ئى ئەبىدى ھايات ئاللاھ! ئى ھەممىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغۇچى ئاللاھ! ھەقىقەتەن مەن سەندىن جەننەتنى سورايمەن، دوزاختىن ساڭا سىغىنىمەن.» [ئىبنى ماجە رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْأَلُكَ بِأَنَّي أَشْهَدُ أَنَّكَ أَنْتَ اللَّهُ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ الْأَحَدُ الصَّمَدُ الَّذِي لَمْ يَلِدْ وَلَمْ يُولَدْ وَلَمْ يَكُنْ لَهُ كُفُواً أَحَدٌ﴾
«ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭلا ئاللاھ ئىكەنلىكىڭگە، سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقلىقىغا، ھېچبىر تەڭدىشى بولمىغان، پەرزەنتىمۇ بولمىغان، ئاتا - ئانىسىمۇ بولمىغان، ھەممىنىڭ ئېھتىياجى ساڭا چۈشىدىغان يەككە - يىگانە زات ئىكەنلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىمنى شېپى كەلتۈرۈپ (تىلەكلىرىمنى) سورايمەن.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى، ئىبنى ماجە رىۋايىتى].