ئاللاھنىڭ كېمىدە ماڭغۇچىلارغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا
هُوَ الَّذِي يُسَيِّرُكُمْ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا كُنتُمْ فِي الْفُلْكِ وَجَرَيْنَ بِهِم بِرِيحٍ طَيِّبَةٍ وَفَرِحُوا بِهَا جَاءَتْهَا رِيحٌ عَاصِفٌ وَجَاءَهُمُ الْمَوْجُ مِن كُلِّ مَكَانٍ وَظَنُّوا أَنَّهُمْ أُحِيطَ بِهِمْ ۙ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ لَئِنْ أَنجَيْتَنَا مِنْ هَٰذِهِ لَنَكُونَنَّ مِنَ الشَّاكِرِينَ
ئاللاھ سىلەرنى قۇرۇقلۇقتا، دېڭىزدا سەپەر قىلدۇرىدۇ، سىلەر ئولتۇرغان كېمە (كىشىلەرنى ئېلىپ) مەيىن شامالدا مېڭىۋاتقان ۋە (بۇ) شامالدىن ئۇلار خۇشاللىنىۋاتقان چاغدا، بىردىنلا بوران چىقىپ (كېمە ئۆرۈلىدۇ)، ئۇلار تەرەپ ـ تەرەپتىن كۆتۈرۈلۈۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە قالىدۇ، كېمىدىكىلەر قورشىۋېلىنغانلىقىغا (يەنى ھالاك بولىدىغانلىقىغا) جەزم قىلىدۇ، (چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىنى تاشلاپ قويۇپ) «ئى خۇدا! ئەگەر سەن بىزنى بۇنىڭدىن (يەنى بالادىن) قۇتۇلدۇرساڭ، بىز چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز» دەپ چىن كۆڭلى بىلەن دۇئا قىلىدۇ[22].
رَّبُّكُمُ الَّذِي يُزْجِي لَكُمُ الْفُلْكَ فِي الْبَحْرِ لِتَبْتَغُوا مِن فَضْلِهِ ۚ إِنَّهُ كَانَ بِكُمْ رَحِيمًا
پەرۋەردىگارىڭلار، سىلەرنى پەزلىنى (يەنى پەزلىدىن بولغان رىزقىڭلارنى) تەلەپ قىلسۇن دەپ، كېمىلەرنى سىلەر ئۈچۈن دېڭىزدا ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ناھايىتى مېھرىباندۇر[66].
أَمْ أَمِنتُمْ أَن يُعِيدَكُمْ فِيهِ تَارَةً أُخْرَىٰ فَيُرْسِلَ عَلَيْكُمْ قَاصِفًا مِّنَ الرِّيحِ فَيُغْرِقَكُم بِمَا كَفَرْتُمْ ۙ ثُمَّ لَا تَجِدُوا لَكُمْ عَلَيْنَا بِهِ تَبِيعًا
ياكى ئاللاھنىڭ سىلەرنى دېڭىزدا قايتا قاتناتقۇزۇپ (دېڭىزدىكى چېغىڭلاردا) قارا بوران چىقىرىپ، كۈفرىلىق قىلغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرنى غەرق قىلىۋېتىشىدىن، ئاندىن سىلەرگە بىزدىن ئۆچ ئېلىپ بېرىدىغان ھېچ ئەھەدى تاپالماسلىقىڭلاردىن قورقمامسىلەر؟[69]
وَمِنْ آيَاتِهِ الْجَوَارِ فِي الْبَحْرِ كَالْأَعْلَامِ
دېڭىزدا قاتنىغۇچى تاغدەك كېمىلەر ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىدىندۇر[32].
إِن يَشَأْ يُسْكِنِ الرِّيحَ فَيَظْلَلْنَ رَوَاكِدَ عَلَىٰ ظَهْرِهِ ۚ إِنَّ فِي ذَٰلِكَ لَآيَاتٍ لِّكُلِّ صَبَّارٍ شَكُورٍ
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، شامالنى توختىتىۋېتىدۇ ـ دە، كېمىلەر دېڭىزنىڭ ئۈستىدە توختاپ قالىدۇ، بۇنىڭدا (قاتتىقلىقتا) سەۋر قىلغۇچى، (كەڭچىلىكتە) شۈكۈر قىلغۇچى ھەر مۆمىن ئۈچۈن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[33].
أَوْ يُوبِقْهُنَّ بِمَا كَسَبُوا وَيَعْفُ عَن كَثِيرٍ
ياكى ئاللاھ خالىسا، ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن كېمىلەرنى (بوران بىلەن) ھالاك قىلىدۇ، ئاللاھ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىلىدۇ[34].