ھەق يول بىلەن باتىل (ئازغۇنلۇق) يولى توغرىسىدا
لَيْسَ عَلَيْكُمْ جُنَاحٌ أَن تَبْتَغُوا فَضْلًا مِّن رَّبِّكُمْ ۚ فَإِذَا أَفَضْتُم مِّنْ عَرَفَاتٍ فَاذْكُرُوا اللَّهَ عِندَ الْمَشْعَرِ الْحَرَامِ ۖ وَاذْكُرُوهُ كَمَا هَدَاكُمْ وَإِن كُنتُم مِّن قَبْلِهِ لَمِنَ الضَّالِّينَ
پەرۋەردىگارىڭلاردىن (ھەج مەۋسۈمىدە تىجارەت ۋە باشقا ئوقەت ئارقىلىق) رىزىق تەلەپ قىلساڭلار، سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەرەفاتتىن قايتقان چېغىڭلاردا مەشئەرى ھەرەمدە (يەنى مۇزدەلىفەدە) ئاللاھنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى ياد ئېتىڭلار، ئىلگىرى سىلەر ھەقىقەتەن گۇمراھ ئىدىڭلار (ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلىشتىن ئىلگىرى گۇمراھلار قاتارىدا ئىدىڭلار)[198].
قُلْ إِنِّي نُهِيتُ أَنْ أَعْبُدَ الَّذِينَ تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ ۚ قُل لَّا أَتَّبِعُ أَهْوَاءَكُمْ ۙ قَدْ ضَلَلْتُ إِذًا وَمَا أَنَا مِنَ الْمُهْتَدِينَ
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»[56].
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ مَن يَضِلُّ عَن سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[117].
قُلْ فَلِلَّهِ الْحُجَّةُ الْبَالِغَةُ ۖ فَلَوْ شَاءَ لَهَدَاكُمْ أَجْمَعِينَ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149].
فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِن دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُم مُّهْتَدُونَ
ئاللاھ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. چۈنكى، ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ[30].
وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِم مِّنْ غِلٍّ تَجْرِي مِن تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَن تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق ـ ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ. ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن ئاللاھقا بولسۇنكى، ئاللاھ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى» دەيدۇ. ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)[43].
مَن يَهْدِ اللَّهُ فَهُوَ الْمُهْتَدِي ۖ وَمَن يُضْلِلْ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْخَاسِرُونَ
ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەم ھىدايەت تاپقۇچىدۇر، ئاللاھ گۇمراھ قىلغان ئادەم زىيان تارتقۇچىدۇر[178].
وَلَقَدْ ذَرَأْنَا لِجَهَنَّمَ كَثِيرًا مِّنَ الْجِنِّ وَالْإِنسِ ۖ لَهُمْ قُلُوبٌ لَّا يَفْقَهُونَ بِهَا وَلَهُمْ أَعْيُنٌ لَّا يُبْصِرُونَ بِهَا وَلَهُمْ آذَانٌ لَّا يَسْمَعُونَ بِهَا ۚ أُولَٰئِكَ كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ ۚ أُولَٰئِكَ هُمُ الْغَافِلُونَ
شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر[179].
وَمَا كَانَ اللَّهُ لِيُضِلَّ قَوْمًا بَعْدَ إِذْ هَدَاهُمْ حَتَّىٰ يُبَيِّنَ لَهُم مَّا يَتَّقُونَ ۚ إِنَّ اللَّهَ بِكُلِّ شَيْءٍ عَلِيمٌ
ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى بايان قىلماي تۇرۇپ، ئۇلارنى گۇمراھ قىلمايدۇ (يەنى گۇمراھلىققا ھۆكۈم قىلمايدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
قُلْ يَا أَيُّهَا النَّاسُ قَدْ جَاءَكُمُ الْحَقُّ مِن رَّبِّكُمْ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنَا عَلَيْكُم بِوَكِيلٍ
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەق دىن كەلدى، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزىنىڭ پايدىسى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەسمەن»[108].
وَيَقُولُ الَّذِينَ كَفَرُوا لَوْلَا أُنزِلَ عَلَيْهِ آيَةٌ مِّن رَّبِّهِ ۗ قُلْ إِنَّ اللَّهَ يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي إِلَيْهِ مَنْ أَنَابَ
كۇففارلار: «نېمىشقا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارىدىن (مۇسانىڭ ۋە ئىيسانىڭ مۆجىزىسىدەك) بىرەر مۆجىزە كەلمىدى؟» دەيدۇ. (ئى مۇھەممەد!) «(ئىش ئاللاھنىڭ ئىلكىدە، مېنىڭ ئىلكىمدە ئەمەس) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، تەۋبە قىلغانلارنى ھىدايەت قىلىدۇ» دېگىن[27].
وَمَا أَرْسَلْنَا مِن رَّسُولٍ إِلَّا بِلِسَانِ قَوْمِهِ لِيُبَيِّنَ لَهُمْ ۖ فَيُضِلُّ اللَّهُ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَهُوَ الْعَزِيزُ الْحَكِيمُ
قانداقلا بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتمەيلى، ئۇنى بىز ئۆز قەۋمىگە (ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى) بايان قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۆز قەۋمىنىڭ تىلى بىلەن (سۆزلەيدىغان) قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ (يەنى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت تەبلىغ قىلىش بولۇپ، ھىدايەت قىلىش ئىشى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر). ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[4].
وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولًا أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاجْتَنِبُوا الطَّاغُوتَ ۖ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللَّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلَالَةُ ۚ فَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ
بىز ھەقىقەتەن ھەر بىر ئۈممەتكە: «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن (يەنى شەيتانغا، بۇتلارغا، كاھىنلارغا ئوخشاش ھەرقانداق مەبۇدقا ئىبادەت قىلىشتىن) يىراق بولۇڭلار» دەپ پەيغەمبەر ئەۋەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھ ھىدايەت قىلغانلىرىمۇ بار، گۇمراھلىققا تېگىشلىك بولغانلىرىمۇ بار. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ يۈرۈپ، (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار[36].
وَلَا تَمْشِ فِي الْأَرْضِ مَرَحًا ۖ إِنَّكَ لَن تَخْرِقَ الْأَرْضَ وَلَن تَبْلُغَ الْجِبَالَ طُولًا
سەن زېمىندا مەغرۇرانە يۈرمىگىن، (ھاكاۋۇرلۇقتىن ئايىغىڭ بىلەن) يەرنى تېشىۋېتەلمەيسەن، (ھەرقانچە گىدەيگىنىڭ بىلەن) ئېگىزلىكتە تاغلارغا تەڭلىشەلمەيسەن[37].
وَلَوْ شَاءَ اللَّهُ لَجَعَلَكُمْ أُمَّةً وَاحِدَةً وَلَٰكِن يُضِلُّ مَن يَشَاءُ وَيَهْدِي مَن يَشَاءُ ۚ وَلَتُسْأَلُنَّ عَمَّا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ
مۇبادا ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، سىلەرنى (يەنى پۈتۈن ئىنسانلارنى) ئەلۋەتتە بىر ئۈممەت (يەنى بىر دىندا) قىلاتتى، لېكىن (ئاللاھنىڭ ھېكمىتى ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋېتىشنى تەقەززا قىلدى)، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى گۇمراھ قىلىدۇ، خالىغان ئادەمنى ھىدايەت قىلىدۇ، (قىيامەت كۈنى) پۈتۈن قىلمىشىڭلار ئۈستىدە سوراق قىلىنىسىلەر[93].
ادْعُ إِلَىٰ سَبِيلِ رَبِّكَ بِالْحِكْمَةِ وَالْمَوْعِظَةِ الْحَسَنَةِ ۖ وَجَادِلْهُم بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ ۖ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
پەرۋەردىگارىڭنىڭ يولىغا (يەنى ئىسلام دىنىغا) ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا ياخشى ۋەز ـ نەسىھەت بىلەن دەۋەت قىلغىن، ئۇلار (يەنى مۇخالىپەتچىلىك قىلغۇچىلار) بىلەن چىرايلىق رەۋىشتە مۇنازىرىلەشكىن. پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[125].
مَّنِ اهْتَدَىٰ فَإِنَّمَا يَهْتَدِي لِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۚ وَلَا تَزِرُ وَازِرَةٌ وِزْرَ أُخْرَىٰ ۗ وَمَا كُنَّا مُعَذِّبِينَ حَتَّىٰ نَبْعَثَ رَسُولًا
كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ھىدايەت تاپقانلىقىنىڭ پايدىسى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئازىدىكەن، ئازغانلىقنىڭ زىيىنى ئۇنىڭ ئۆزى ئۈچۈندۇر، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ. پەيغەمبەر ئەۋەتمەي تۇرۇپ (ھېچ ئادەمنى) جازالىغىنىمىز يوق[15].
قُلْ إِن ضَلَلْتُ فَإِنَّمَا أَضِلُّ عَلَىٰ نَفْسِي ۖ وَإِنِ اهْتَدَيْتُ فَبِمَا يُوحِي إِلَيَّ رَبِّي ۚ إِنَّهُ سَمِيعٌ قَرِيبٌ
ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئازسام ئازغانلىقىمنىڭ زىيىنى ئۆزۈمگىدۇر، ئەگەر ھىدايەت تاپسام (بۇ) پەرۋەردىگارىمنىڭ ماڭا ۋەھىي قىلغان قۇرئانىنىڭ سەۋەبىدىندۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، يېقىندۇر»[50].
إِنَّا أَنزَلْنَا عَلَيْكَ الْكِتَابَ لِلنَّاسِ بِالْحَقِّ ۖ فَمَنِ اهْتَدَىٰ فَلِنَفْسِهِ ۖ وَمَن ضَلَّ فَإِنَّمَا يَضِلُّ عَلَيْهَا ۖ وَمَا أَنتَ عَلَيْهِم بِوَكِيلٍ
شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن)[41].
ذَٰلِكَ مَبْلَغُهُم مِّنَ الْعِلْمِ ۚ إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِمَنِ اهْتَدَىٰ
ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[30].
إِنَّ رَبَّكَ هُوَ أَعْلَمُ بِمَن ضَلَّ عَن سَبِيلِهِ وَهُوَ أَعْلَمُ بِالْمُهْتَدِينَ
شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقۇچىلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[7].
أَلَمْ يَجِدْكَ يَتِيمًا فَآوَىٰ
ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6]
وَوَجَدَكَ ضَالًّا فَهَدَىٰ
قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7]