بويتاق بولىۋالماسلىق
يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تُحَرِّمُوا طَيِّبَاتِ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكُمْ وَلَا تَعْتَدُوا ۚ إِنَّ اللَّهَ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ سىلەرگە ھالال قىلغان پاك نەرسىلەرنى (تەركى دۇنيا بولۇش يۈزىسىدىن ئۆزۈڭلارغا) ھارام قىلماڭلار، (ئاللاھ بەلگىلەپ بەرگەن) چەكتىن ئاشماڭلار، ئاللاھ چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ھەقىقەتەن دوست تۇتمايدۇ (ئىزاھات: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئاختا قىلىۋېتىش، گۆش يېمەسلىك، ئاياللارغا يېقىن يولىماسلىق نىيىتىگە كەلگەن ئىدى، بۇ توغرىدا بۇ ئايەت نازىل بولغان.) [87].