گۇۋاھلىقنى يوشۇرۇشنىڭ ھاراملىقى
أَمْ تَقُولُونَ إِنَّ إِبْرَاهِيمَ وَإِسْمَاعِيلَ وَإِسْحَاقَ وَيَعْقُوبَ وَالْأَسْبَاطَ كَانُوا هُودًا أَوْ نَصَارَىٰ ۗ قُلْ أَأَنتُمْ أَعْلَمُ أَمِ اللَّهُ ۗ وَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّن كَتَمَ شَهَادَةً عِندَهُ مِنَ اللَّهِ ۗ وَمَا اللَّهُ بِغَافِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ
«ياكى ئىبراھىم، ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يەھۇدىي ئىدى ياكى ناسارا ئىدى» دەمسىلەر؟ ئېيتقىنكى، «(ئۇلارنىڭ قايسى دىندا ئىكەنلىكىنى) سىلەر ئوبدان بىلەمسىلەر؟ ياكى ئاللاھ ئوبدان بىلەمدۇ؟ قولىدا ئاللاھ نازىل قىلغان دەلىل ـ ئىسپات تۇرۇپ ئۇنى يوشۇرغان ئادەمدىن زالىم كىم بار؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن غاپىل ئەمەستۇر»[140].
وَإِن كُنتُمْ عَلَىٰ سَفَرٍ وَلَمْ تَجِدُوا كَاتِبًا فَرِهَانٌ مَّقْبُوضَةٌ ۖ فَإِنْ أَمِنَ بَعْضُكُم بَعْضًا فَلْيُؤَدِّ الَّذِي اؤْتُمِنَ أَمَانَتَهُ وَلْيَتَّقِ اللَّهَ رَبَّهُ ۗ وَلَا تَكْتُمُوا الشَّهَادَةَ ۚ وَمَن يَكْتُمْهَا فَإِنَّهُ آثِمٌ قَلْبُهُ ۗ وَاللَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ عَلِيمٌ
ئەگەر سىلەر سەپەر ئۈستىدە بولۇپ، خەت يازالايدىغان ئادەمنى تاپالمىساڭلار، بۇ چاغدا (قەرز ھۆججىتى يېزىپ بېرىشنىڭ ئورنىغا) گۆرۈ قويىدىغان نەرسىنى تاپشۇرساڭلار بولىدۇ؛ ئاراڭلاردا بىرىڭلار بىرىڭلارغا ئىشىنىپ ئامانەت قويسا، ئۇ چاغدا ئامانەتنى ئالغۇچى ئادەم ئامانەتنى تاپشۇرسۇن (يەنى قەرز بەرگۈچى قەرز ئالغۇچىغا ئىشىنىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسىنى گۆرۈ ئالمىسا، قەرزدار قەرزنى دېيىشكەن ۋاقتىدا قايتۇرسۇن)، (قەرزدار ئامانەتكە رىئايە قىلىشتا) پەرۋەردىگارىدىن قورقسۇن. گۇۋاھلىقنى يوشۇرماڭلار، كىمكى ئۇنى يوشۇرىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇنىڭ دىلى گۇناھكار بولىدۇ. ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى تامامەن بىلگۈچىدۇر[283].