ئىستىخارە نامىزى دۇئاسى
قَالَ جَابرُ بْنُ عَبْدِ اللَّهِ رَضِيَ اللَّهُ عَنْهُمَا: ﴿كَانَ رسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم - يُعَلِّمُنَا الْاسْتِخَارَةَ فِي الْأُمُورِ كُلِّهَا كَمَا يُعَلِّمُنَا السُّورَةَ مِنَ الْقُرْآنِ، يَقُولُ: ﴿إِذَا هَمَّ أَحَدُكُمْ بِالْأَمْرِ فَلْيَرْكَعْ رَكْعَتَيْنِ مِنْ غَيْرِ الْفَرِيضَةِ، ثُمَّ لْيَقُلْ: اللَّهُمَّ إِنِّي أَسْتَخِيرُكَ بِعِلْمِكَ، وَأَسْتَقْدِرُكَ بِقُدْرَتِكَ، وَأَسْأَلُكَ مِنْ فَضْلِكَ العَظِيمِ؛ فَإِنَّكَ تَقْدِرُ وَلاَ أَقْدِرُ، وَتَعْلَمُ وَلاَ أَعْلَمُ، وَأَنْتَ عَلاَّمُ الغُيُوبِ، اللَّهُمَّ إِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الأمْرَ - وَيُسَمِّي حَاجَتَهُ - خَيْرٌ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ - فَاقْدُرْهُ لِي وَيَسِّرْهُ لِي ثمَّ بَارِكْ لِي فِيهِ، وَإِنْ كُنْتَ تَعْلَمُ أَنَّ هَذَا الْأَمْرَ شَرٌّ لِي فِي دِينِي وَمَعَاشِي وَعَاقِبَةِ أَمْرِي – أَوْ قَالَ: عَاجِلِهِ وَآجِلِهِ – فَاصْرِفْهُ عَنِّي وَاصْرِفْنِي عَنْهُ وَاقْدُرْ لِيَ الْخَيْرَ حَيْثُ كَانَ، ثُمَّ أَرْضِنِي بِهِ﴾
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئىستىخارە قىلىشنى خۇددى قۇرئان سۈرىلىرىنى تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرىڭلار بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا، ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ، ئاندىن مۇنداق
﴿وَمَا نَدِمَ مَنِ اسْتَخَارَ الْخَالِقَ، وَشَاوَرَ الْمَخْلُوقِينَ الْمُؤْمِنِينَ وَتَثَبَّتَ فِي أَمْرِهِ، فَقَدْ قَالَ اللَّهُ : ﴿وَشاوِرْهُمْ فِي الْأَمْرِ فَإِذَا عَزَمْتَ فَتَوَكَّلْ عَلَى اللَّهِ﴾
«ئى ئاللاھ! سېنىڭ چەكسىز ئىلمىڭگە سىغىنىپ سېنىڭدىن ياخشىلىق سورايمەن، سېنىڭ قۇدرىتىڭغا سىغىنىپ سېنىڭدىن كۈچ - قۇۋۋەت تىلەيمەن، سېنىڭ ئۇلۇغ پەزلىڭدىن سورايمەن. سەن ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن، مەن ئاجىزمەن. سەن ھەممىنى بىلىسەن، مەن بىلمەيمەن. سەن پۈتۈن غەيبلەرنى بىلگۈچىسەن. ئى ئاللاھ! مېنىڭ بۇ ئىشىم (ھاجىتىنى ئېيتىدۇ) مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە ياخشى بولىدىغان بولسا، ئۇنى ماڭا تەقدىر قىلغىن ۋە ماڭا ئۇنى ئاسان قىلغىن، ئاندىن ئۇنىڭدا ماڭا بەرىكەت ئاتا قىلغىن. ئەگەر بۇ ئىشىم مېنىڭ دىنىم، دۇنيالىقىم ۋە ئاخىرەتلىكىم ئۈچۈن ھازىردا ۋە كېلىچەكتە زىيانلىق بولسا، ئۇنى مەندىن يىراق قىلغىن ۋە مېنىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قىلغىن، نەدىلا بولمىسۇن ماڭا ياخشىلىقنى نېسىب قىلغىن. ئاندىن مېنى ئۇنىڭ بىلەن مەمنۇن قىلغىن.» [بۇخارى رىۋايىتى].