سەجدىدە ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿سُبْحَانَ رَبِّيَ الأَعْلَى﴾
«ھەممىدىن يۈكسەك رەببىمنى بارلىق نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» (ئۈچ قېتىم) [ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ رَبَّنَا وَبِحَمْدِكَ اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِي﴾
«ئى رەببىمىز ئاللاھ، ساڭا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. ئى ئاللاھ، مېنى مەغپىرەت قىلغىن.» [بۇخارى ۋى تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿سُبوحٌ، قُدُّوسٌ، رَبُّ الْمَلَائِكَةِ وَالرُّوحِ﴾
«ئاللاھ پاكتۇر، مۇقەددەستۇر، پەرىشتىلەرنىڭ، جىبرىئىلنىڭ رەببىدۇر.» [مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ لَكَ سَجَدْتُ وَبِكَ آمَنْتُ، وَلَكَ أَسْلَمْتُ، سَجَدَ وَجْهِيَ لِلَّذِي خَلَقَهُ، وَصَوَّرَهُ، وَشَقَّ سَمْعَهُ وَبَصَرَهُ، تَبَارَكَ اللَّهُ أَحْسنُ الْخَالِقينَ﴾
«ئى ئاللاھ، ساڭا سەجدە قىلدىم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم، ساڭا بويسۇندۇم، يۈزۈم ئۇنى ياراتقان، گۈزەل شەكىلگە كىرگۈزگەن، ئۇنىڭغا قۇلاق ۋە كۆزنى ئورۇنلاشتۇرغان زاتقا سەجدە قىلدى. ماھىر ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەرىكىتى يۈيۈكتۇر.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿سُبْحَانَ ذِي الْجَبَرُوتِ، وَالْمَلَكُوتِ، وَالْكِبْرِيَاءِ، وَالْعَظَمَةِ﴾
«كۈچ - قۇدرەت، پادىشاھلىق، كاتتىلىق، بۈيۈكلۈك ئىگىسى بولغان ئاللاھنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن.» [ئەبۇ داۋۇد، ئەھمەد ۋە نەسائىي رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ إِنِّي أَعُوذُ بِرِضَاكَ مِنْ سَخَطِكَ، وَبِمُعَافَاتِكَ مِنْ عُقوبَتِكَ، وَأَعُوذُ بِكَ مِنْكَ، لاَ أُحْصِي ثَنَاءً عَلَيْكَ، أَنْتَ كَمَا أَثْنَيْتَ عَلَى نَفْسِكَ﴾
«ئى ئاللاھ، غەزىبىڭدىن رازىلىقىڭغا، ئازابىڭدىن كەچۈرۈم قىلشىڭنى تىلەپ ساڭا سىغىنىمەن. مەن سېنى قانچىلىك مەدھىيەلىسەممۇ سەن ئۆزۈڭنى مەدھىيىلىگەندەك مەدھىلىيەلمەيمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].