زەرگەرچىلىك
وَاتَّخَذَ قَوْمُ مُوسَىٰ مِن بَعْدِهِ مِنْ حُلِيِّهِمْ عِجْلًا جَسَدًا لَّهُ خُوَارٌ ۚ أَلَمْ يَرَوْا أَنَّهُ لَا يُكَلِّمُهُمْ وَلَا يَهْدِيهِمْ سَبِيلًا ۘ اتَّخَذُوهُ وَكَانُوا ظَالِمِينَ
مۇسانىڭ قەۋمى مۇسادىن كېيىن (يەنى مۇسا پەرۋەردىگارىغا مۇناجات قىلىش ئۈچۈن تۇر تېغىغا كەتكەندىن كېيىن)، زىننەت بۇيۇملىرىدىن موزايدەك ئاۋاز چىقىرىدىغان بىر جانسىز موزاي ياسىدى. ئۇلار موزاينىڭ ئۆزلىرىگە سۆزلىيەلمەيدىغانلىقىنى، يول كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۇنى مەبۇد قىلىۋالدى، ئۇلار (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغۇچى بولدى[148].
أَنزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَسَالَتْ أَوْدِيَةٌ بِقَدَرِهَا فَاحْتَمَلَ السَّيْلُ زَبَدًا رَّابِيًا ۚ وَمِمَّا يُوقِدُونَ عَلَيْهِ فِي النَّارِ ابْتِغَاءَ حِلْيَةٍ أَوْ مَتَاعٍ زَبَدٌ مِّثْلُهُ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْحَقَّ وَالْبَاطِلَ ۚ فَأَمَّا الزَّبَدُ فَيَذْهَبُ جُفَاءً ۖ وَأَمَّا مَا يَنفَعُ النَّاسَ فَيَمْكُثُ فِي الْأَرْضِ ۚ كَذَٰلِكَ يَضْرِبُ اللَّهُ الْأَمْثَالَ
ئاللاھ ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇردى، (يامغۇر سۈيى) جىلغىلاردا لىپمۇلىق ئاقتى، كەلكۈن سۇ ئۆزىنىڭ ئۈستىدە كۆپۈكلەرنى لەيلىتىپ ئاقتى، كىشىلەرنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ ياكى ئەسۋاب ياساش ئۈچۈن ئوتقا سېلىپ ئېرىتكەن مەدەنلەرنىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپۈكى بار (يەنى مەدەنلەرنىڭ كۆپۈكىمۇ خۇددى كەلكۈن سۇنىڭ كۆپۈكىگە ئوخشاش پايدىسىزدۇر). ئاللاھ ھەق بىلەن باتىلنى بۇ مىسال بىلەن ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، كۆپۈك بولسا ئېقىپ تۈگەيدۇ، ئىنسانلارغا پايدىلىق نەرسە زېمىندا قېلىپ قالىدۇ، ئاللاھ مىساللارنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ[17]. (ئىزاھات: بۇ مىسالدىكى سۇ بولسا زېمىندا قالىدىغان ھەقتىن، كۆپۈك بولسا ساباتى يوق باتىلدىن ئىبارەت.)