يىتىمنىڭ مال - مۈلۈكى
وَآتُوا الْيَتَامَىٰ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَتَبَدَّلُوا الْخَبِيثَ بِالطَّيِّبِ ۖ وَلَا تَأْكُلُوا أَمْوَالَهُمْ إِلَىٰ أَمْوَالِكُمْ ۚ إِنَّهُ كَانَ حُوبًا كَبِيرًا
يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ئۇلار بالاغەتكە يەتكەن چاغدا) بېرىڭلار، ياخشىسىنى يامانغا (يەنى ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ياخشىسىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ماللىرىڭلارنىڭ يامىنىغا) تېگىشىۋالماڭلار؛ ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئۆزۈڭلارنىڭ مال ـ مۈلكىگە قوشۇپ يەۋالماڭلار. بۇ ھەقىقەتەن چوڭ گۇناھتۇر[2].
وَابْتَلُوا الْيَتَامَىٰ حَتَّىٰ إِذَا بَلَغُوا النِّكَاحَ فَإِنْ آنَسْتُم مِّنْهُمْ رُشْدًا فَادْفَعُوا إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ ۖ وَلَا تَأْكُلُوهَا إِسْرَافًا وَبِدَارًا أَن يَكْبَرُوا ۚ وَمَن كَانَ غَنِيًّا فَلْيَسْتَعْفِفْ ۖ وَمَن كَانَ فَقِيرًا فَلْيَأْكُلْ بِالْمَعْرُوفِ ۚ فَإِذَا دَفَعْتُمْ إِلَيْهِمْ أَمْوَالَهُمْ فَأَشْهِدُوا عَلَيْهِمْ ۚ وَكَفَىٰ بِاللَّهِ حَسِيبًا
يېتىملەرنى نىكاھلىنىش يېشىغا يەتكەنگە قەدەر سىناپ تۇرۇڭلار. ئۇلاردا ماللىرىنى باشقۇرالايدىغان ھالەتنى بايقىساڭلار، ئۇلارغا مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار؛ ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ مال ـ مۈلكىنى بۇزۇپ ـ چېچىپ يەۋالماڭلار. (يېتىمگە ۋەسى بولغانلاردىن) كىمكى باي بولسا، (ۋەسى بولغانلىق ھەققى ئۈچۈن) يېتىمنىڭ مال ـ مۈلكىنى يېيىشتىن ئۆزىنى ساقلىسۇن، (سىلەردىن) كىمكى يوقسۇل بولسا، ئۇ (ئۆز ئەمگىكىنىڭ ھەققى ئۈچۈن) مۇۋاپىق رەۋىشتە يېسۇن، ئۇلارنىڭ مال ـ مۈلكىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان چاغدا باشقىلارنى گۇۋاھ قىلىپ قويۇڭلار. ئاللاھ ھېساب ئېلىشقا يېتەرلىكتۇر[6].
وَلْيَخْشَ الَّذِينَ لَوْ تَرَكُوا مِنْ خَلْفِهِمْ ذُرِّيَّةً ضِعَافًا خَافُوا عَلَيْهِمْ فَلْيَتَّقُوا اللَّهَ وَلْيَقُولُوا قَوْلًا سَدِيدًا
(كىملەركى) ئۆزلىرىدىن قېلىپ قالىدىغان كىچىك بالىلىرى بولۇپ، ئۇلاردىن قانداق ئەندىشە قىلىدىغان بولسا، باشقىلارنىڭ قېلىپ قالغان كىچىك بالىلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق ئەندىشە قىلسۇن، (يېتىملەرنىڭ ئىشىدا) ئاللاھتىن قورقسۇن ۋە توغرا سۆزنى ئېيتسۇن[9].
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10].
وَيَسْتَفْتُونَكَ فِي النِّسَاءِ ۖ قُلِ اللَّهُ يُفْتِيكُمْ فِيهِنَّ وَمَا يُتْلَىٰ عَلَيْكُمْ فِي الْكِتَابِ فِي يَتَامَى النِّسَاءِ اللَّاتِي لَا تُؤْتُونَهُنَّ مَا كُتِبَ لَهُنَّ وَتَرْغَبُونَ أَن تَنكِحُوهُنَّ وَالْمُسْتَضْعَفِينَ مِنَ الْوِلْدَانِ وَأَن تَقُومُوا لِلْيَتَامَىٰ بِالْقِسْطِ ۚ وَمَا تَفْعَلُوا مِنْ خَيْرٍ فَإِنَّ اللَّهَ كَانَ بِهِ عَلِيمًا
(ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، سىلەر ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر، (ئۇلارنىڭ مىراسى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ-دەپ) ئۇلارنى ئەرگە بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار(نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ . (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى (ئىزاھات: جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئەرەبلەر كىچىك بالىلارغا ۋە ئاياللارغا مىراس بەرمەيتتى، ئاللاھ بۇنى مەنئى قىلىپ ئۇلارنىڭ مىراستىكى نېسىۋىسىنى بېرىشنى بۇيرىدى. )شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)[127].
وَلَا تَقْرَبُوا مَالَ الْيَتِيمِ إِلَّا بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ حَتَّىٰ يَبْلُغَ أَشُدَّهُ ۚ وَأَوْفُوا بِالْعَهْدِ ۖ إِنَّ الْعَهْدَ كَانَ مَسْئُولًا
يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ بالاغەتكە يەتكەنگە قەدەر (يېتىمگە) ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر[34].