«دەۋزەخنىڭ باشقا ناملىرى توغرىسىدا»
فَإِن لَّمْ تَفْعَلُوا وَلَن تَفْعَلُوا فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ
ئەگەر مۇنداق قىلالمىساڭلار - ھەرگىزغۇ قىلالمايسىلەر - كاپىرلار ئۈچۈن تەييارلانغان، ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار[24].
إِنَّا أَرْسَلْنَاكَ بِالْحَقِّ بَشِيرًا وَنَذِيرًا ۖ وَلَا تُسْأَلُ عَنْ أَصْحَابِ الْجَحِيمِ
بىز سېنى ھەقىقەتەن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارنى دوزاخ ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق (دىن) بىلەن ئەۋەتتۇق. سەن ئەھلى دوزاخ (يەنى كاپىرلاردىن ئىمان ئېيتمىغانلار) توغرىسىدا جاۋابكار ئەمەسسەن[119].
وَإِذَا قِيلَ لَهُ اتَّقِ اللَّهَ أَخَذَتْهُ الْعِزَّةُ بِالْإِثْمِ ۚ فَحَسْبُهُ جَهَنَّمُ ۚ وَلَبِئْسَ الْمِهَادُ
ئۇنىڭغا (ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىپ يامان سۆز ـ ھەرىكەتلىرىڭدىن قايتىپ) ئاللاھتىن قورققىن، دېيىلسە، غۇرۇرى ئۇنىڭغا گۇناھ يۈكلەيدۇ (يەنى ھەقتىن تەكەببۇرلۇق بىلەن باش تارتىپ، پىتنە ـ پاساتتا تېخىمۇ ئەزۋەيلەيدۇ)، ئۇنىڭغا جەھەننەم يېتەرلىكتۇر، جەھەننەم ناھايىتى يامان جايدۇر[206].
إِنَّ الَّذِينَ يَأْكُلُونَ أَمْوَالَ الْيَتَامَىٰ ظُلْمًا إِنَّمَا يَأْكُلُونَ فِي بُطُونِهِمْ نَارًا ۖ وَسَيَصْلَوْنَ سَعِيرًا
زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10].
كَلَّا ۖ إِنَّهَا لَظَىٰ
ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر[15].
نَزَّاعَةً لِّلشَّوَىٰ
(يەنى بۇ گۇناھكار كاپىر مۇنداق ئارزۇدىن يانسۇن، پىدا قىلىنغان ھېچقانداق نەرسە ئۇنى ئازابتىن قۇتقۇزالمايدۇ، ئۇنىڭ ئالدىدا دوزاخ يېنىپ تۇرىدۇ). (ئۇ ھارارىتىنىڭ قاتتىقلىقىدىن) باشنىڭ تېرىسىنى شىلىدۇ[16].
سَأُصْلِيهِ سَقَرَ
ئۇنى مەن سەقەرگە (يەنى دوزاخقا) سالىمەن[26].
وَمَا أَدْرَاكَ مَا سَقَرُ
سەقەرنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[27]
لَا تُبْقِي وَلَا تَذَرُ
ئۇ ھېچ نەرسىنى قالدۇرمايدۇ، قويمايدۇ (بەلكى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ)[28].
لَوَّاحَةٌ لِّلْبَشَرِ
ئۇ (چوڭلۇقىدىن) ئىنسانلارنىڭ (كۆزلىرىگە يىراق مۇساپىلەردىن) كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ[29].
عَلَيْهَا تِسْعَةَ عَشَرَ
ئۇنىڭغا 19 پەرىشتە مۇئەككەلدۇر[30].
وَأَمَّا مَنْ خَفَّتْ مَوَازِينُهُ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].
فَأُمُّهُ هَاوِيَةٌ
تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ[8ـ9].
وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ
ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟[10]
نَارٌ حَامِيَةٌ
ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر[11].
كَلَّا ۖ لَيُنبَذَنَّ فِي الْحُطَمَةِ
ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، ئۇ چوقۇم ھۇتەمەگە تاشلىنىدۇ[4].
وَمَا أَدْرَاكَ مَا الْحُطَمَةُ
ھۇتەمەنىڭ نېمىلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[5]
نَارُ اللَّهِ الْمُوقَدَةُ
ئۇ، ئاللاھنىڭ ياندۇرغان ئوتىدۇركى، (ئۇنىڭ ئەلىمى) يۈرەكلەرگە يېتىپ بارىدۇ[6ـ7].