بالىلارنىڭ ئامانلىقىنى تىلەپ ئوقۇلىدىغان دۇئا
﴿أَعِيْذُكُمَا بِكَلِمَاتِ اللَّهِ التَّامَّةِ مِنْ كُلِّ شَيْطَانٍ وَهَامَّةٍ، وَمِنْ كُلِّ عَيْنٍ لاَمَّةٍ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەسەن ۋە ھۈسەينگە مۇنداق دۇئا ئوقۇپ قوياتتى: تەرجىمىسى: «ئىككىڭلار ئۈچۈن، شەيتاننىڭ ھەرقانداق يامانلىقىدىن، (يىلان - چايانلارغا ئوخشاش) زىيانداشلارنىڭ يامانلىقىدىن ۋە بارلىق يامان كۆزدىن ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ سۆزلىرى بىلەن سىغىنىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].