تاھارەت ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكرى
﴿أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ اللَّهُ وَحْدَهُ لاَ شَرِيكَ لَهُ وَأَشْهَدُ أَنَّ مُحَمَّداً عَبْدُهُ وَرَسُولُهُ..﴾
«ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر ۋە ھېچ شېرىكى يوقتۇر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇ زاتنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
﴿اللَّهُمَّ اجْعَلْنِي مِنَ التَّوَّابِينَ وَاجْعَلْنِي مِنَ الْمُتَطَهِّرِينَ﴾
«ئى ئاللاھ، مېنى تەۋبە قىلغۇچىلاردىن ۋە گۇناھتىن پاك بولغۇچىلاردىن قىلغىن.» [تىرمىزى رىۋايىتى].
﴿سُبْحانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، أَشْهَدُ أَنْ لاَ إِلَهَ إِلاَّ أَنْتَ، أَسْتَغْفِرُكَ وَأَتوبُ إِلَيْكَ﴾
«ئى ئاللاھ، ساڭا ھەمدە ئېيتىش بىلەن سېنى پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، سەندىن باشقا ھېچ مەئبۇد بەرھەق يوق، دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ساڭا تۆۋە قىلىمەن.» [نەسائى رىۋايىتى].