ھەق (توغرا) يولدا مېڭىش
فَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ وَمَن تَابَ مَعَكَ وَلَا تَطْغَوْا ۚ إِنَّهُ بِمَا تَعْمَلُونَ بَصِيرٌ
(ئى مۇھەممەد!) ئاللاھ سېنى بۇيرۇغاندەك توغرا يولدا بولغىن، ساڭا ئىمان ئېيتقانلارمۇ توغرا يولدا بولسۇن. (مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىپ) ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرىدىن چىقىپ كەتمەڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[112].
قُلْ إِنَّمَا أَنَا بَشَرٌ مِّثْلُكُمْ يُوحَىٰ إِلَيَّ أَنَّمَا إِلَٰهُكُمْ إِلَٰهٌ وَاحِدٌ فَاسْتَقِيمُوا إِلَيْهِ وَاسْتَغْفِرُوهُ ۗ وَوَيْلٌ لِّلْمُشْرِكِينَ
سەن (ئۇ مۇشرىكلارغا): «مەن سىلەرگە ئوخشاش ئىنسانمەن، ماڭا، ئىلاھىڭلار بىر ئىلاھتۇر، دەپ ۋەھىي قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا (ئىمان ۋە تائەت ـ ئىبادەت بىلەن) يۈزلىنىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن مەغپىرەت تىلەڭلار!» دېگىن، مۇشرىكلارغا ۋاي![6]
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا تَتَنَزَّلُ عَلَيْهِمُ الْمَلَائِكَةُ أَلَّا تَخَافُوا وَلَا تَحْزَنُوا وَأَبْشِرُوا بِالْجَنَّةِ الَّتِي كُنتُمْ تُوعَدُونَ
شۈبھىسىزكى، «پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلەر، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا پەرىشتىلەر چۈشۈپ: «قورقماڭلار، غەم قىلماڭلار، سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەننەت ئۈچۈن خۇشال بولۇڭلار، بىز دۇنيادا، ئاخىرەتتە سىلەرنىڭ دوستلىرىڭلارمىز، جەننەتتە سىلەر ئۈچۈن كۆڭلۈڭلار تارتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋە تىلىگەن نەرسەڭلارنىڭ ھەممىسى بار، (ئۇلار) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى، ناھايىتى مېھرىبان (ئاللاھ) تەرىپىدىن بېرىلگەن زىياپەتتۇر» دەيدۇ[30ـ32].
فَلِذَٰلِكَ فَادْعُ ۖ وَاسْتَقِمْ كَمَا أُمِرْتَ ۖ وَلَا تَتَّبِعْ أَهْوَاءَهُمْ ۖ وَقُلْ آمَنتُ بِمَا أَنزَلَ اللَّهُ مِن كِتَابٍ ۖ وَأُمِرْتُ لِأَعْدِلَ بَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ رَبُّنَا وَرَبُّكُمْ ۖ لَنَا أَعْمَالُنَا وَلَكُمْ أَعْمَالُكُمْ ۖ لَا حُجَّةَ بَيْنَنَا وَبَيْنَكُمُ ۖ اللَّهُ يَجْمَعُ بَيْنَنَا ۖ وَإِلَيْهِ الْمَصِيرُ
شۇنىڭ ئۈچۈن (يەنى دىندا ئىختىلاپ قىلىشقانلىقى ئۈچۈن) (ئى مۇھەممەد! بارلىق ئىنسانلارنى توغرا دىن ئاساسىدا ئىتتىپاق بولۇشقا) چاقىرغىن، بۇيرۇلغىنىڭ بويىچە توغرا يولدا چىڭ تۇرغىن، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشمىگىن ۋە ئېيتقىن: «ئاللاھ نازىل قىلغان (بارلىق) كىتابلارغا ئىمان ئېيتتىم، ئاراڭلاردا ئادىل بولۇشقا بۇيرۇلدۇم، ئاللاھ بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، بىزنىڭ ئەمەللىرىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈندۇر، سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارمۇ ئۆزلىرىڭلار ئۈچۈندۇر، سىلەر بىلەن بىزنىڭ ئارىمىزدا جېدەللىشىشكە (ئورۇن) يوق (چۈنكى ھەقىقەت ئاشكارىدۇر)، ئاللاھ (قىيامەت كۈنى) بىزنى (ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن) يىغىدۇ، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر»[15].
إِنَّ الَّذِينَ قَالُوا رَبُّنَا اللَّهُ ثُمَّ اسْتَقَامُوا فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
«پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھتۇر» دېگەن، ئاندىن توغرا يولدا بولغانلارغا، شۈبھىسىزكى، (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر[13].