ئىلياس ئەلەيھىسسالام
وَزَكَرِيَّا وَيَحْيَىٰ وَعِيسَىٰ وَإِلْيَاسَ ۖ كُلٌّ مِّنَ الصَّالِحِينَ
زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85].
وَإِنَّ إِلْيَاسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ
ئىلياسمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر[123].
إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَلَا تَتَّقُونَ
ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «(ئاللاھتىن) قورقمامسىلەر؟[124]
أَتَدْعُونَ بَعْلًا وَتَذَرُونَ أَحْسَنَ الْخَالِقِينَ
سىلەر ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى (ئاللاھنى) تەرك ئېتىپ، بەئلى (ناملىق بۇت) قا چوقۇنامسىلەر؟[125]
اللَّهَ رَبَّكُمْ وَرَبَّ آبَائِكُمُ الْأَوَّلِينَ
ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر ۋە بۇرۇنقى ئاتا ـ بوۋاڭلارنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر»[126].
فَكَذَّبُوهُ فَإِنَّهُمْ لَمُحْضَرُونَ
ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلدى. شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئازابقا) ھازىر قىلىنىدۇ[127].
إِلَّا عِبَادَ اللَّهِ الْمُخْلَصِينَ
پەقەت ئاللاھنىڭ ئىخلاسمەن بەندىلىرى بۇنىڭدىن مۇستەسنا[128].
وَتَرَكْنَا عَلَيْهِ فِي الْآخِرِينَ
كېيىنكىلەر ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى ئىلياسقا) ياخشى نام قالدۇردۇق[129].
سَلَامٌ عَلَىٰ إِلْ يَاسِينَ
ئىلياسقا (بىزدىن) سالام بولسۇن![130].
إِنَّا كَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُحْسِنِينَ
بىز ھەقىقەتەن ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[131].
إِنَّهُ مِنْ عِبَادِنَا الْمُؤْمِنِينَ
ھەقىقەتەن ئۇ بىزنىڭ مۆمىن بەندىلىرىمىزدىندۇر[132].
بَل رَّفَعَهُ اللَّهُ إِلَيْهِ ۚ وَكَانَ اللَّهُ عَزِيزًا حَكِيمًا
بەلكى ئاللاھ ئۇنى ئۆز تەرىپىگە كۆتۈردى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ شەررىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ھۇزۇرىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى). ئاللاھقالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[158].