ئىستىغپار ۋە تەۋبە توغرىسىدا
قَالَ رَسُولُ اللَّهِ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿وَاللَّهِ إِنِّي لأَسْتَغفِرُ اللَّهَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ فِي الْيَوْمِ أَكْثَرَ مِنْ سَبْعِينَ مَرَّةٍ
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھەر كۈنى ئاللاھتىن يەتمىش قېتىمدىن كۆپرەك مەغپىرەت تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىمەن.» [بۇخارى رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -:﴿يَا أَيُّهَا النَّاسُ تُوبُوا إِلَى اللَّهِ فَإِنِّي أَتُوبُ فِي الْيَوْمِ إِلَيْهِ مِائَةَ مَرَّةٍ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئى ئىنسانلار! ئاللاھغا تەۋبە قىلىڭلار، جەزمەنكى، مەن ئاللاھقا كۈنىگە يۈز قېتىم تەۋبە قىلىمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -:﴿مَنْ قَالَ أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الْعَظيمَ الَّذِي لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيُّ القَيّوُمُ وَأَتُوبُ إِلَيهِ، غَفَرَ اللَّهُ لَهُ وَإِنْ كَانَ فَرَّ مِنَ الزَّحْفِ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى «أَسْتَغْفِرُ اللَّهَ الْعَظِيْمَ الَّذِي لاَ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ الْحَيَّ الْقَيُّومَ وَأَتُوبُ إِلَيْهِ» تەرجىمىسى: "ئۇلۇغ ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن ۋە ئۇ زاتقا تەۋبە قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ ھاياتتۇر، مۇتلەق ئىدارە قىلغۇچىدۇر"، دېسە ئۇ گەرچە جەڭ مەيدانىدىن قاچقان كىشى بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى مەغپىرەت قىلىدۇ.» [ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى، ھاكىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿أَقْرَبُ مَا يَكُونُ الرَّبُّ مِنَ الْعَبْدِ فِي جَوْفِ اللَّيْلِ الآخِرِ فَإِنِ اسْتَطَعْتَ أَنْ تَكُونَ مِمَّنْ يَذْكُرُ اللَّهَ فِي تِلْكَ السَّاعَةِ فَكُنْ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «پەرۋەردىگار بەندسىگە ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت كېچىنىڭ ئاخىرىدۇر، شۇ ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكرى قىلغانلاردىن بولۇشقا قادىر بولالىساڭ، شۇنداق بولغىن.» [تىرمىزى ۋە نەسائى، ھاكىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿أَقْرَبُ مَا يَكُونُ الْعَبْدُ مِنْ رَبِّهِ وَهُوَ سَاجِدٌ فَأَكثِرُوا الدُّعَاءَ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بەندە پەرۋەردىگارىغا ئەڭ يېقىن بولىدىغان ۋاقىت، سەجدىدىكى ھالىتىدۇر. (سەجدىدە) كۆپ دۇئا قىلىڭلار.» [مۇسلىم رىۋايىتى].
وَقَالَ - صلى الله عليه وسلم -: ﴿إِنَّهُ لَيُغَانُ عَلَى قَلْبِي وَإِنِّي لأَسْتَغْفِرُ اللَّهَ فِي الْيَوْمِ مِائَةَ مَرَّةٍ﴾
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ھەقىقەتەن بەزىدە مېنىڭ قەلبىمگىمۇ سەۋەنلىك يېتىپ قالىدۇ. جەزمەنكى، مەن كۈنىگە ئاللاھ تائالادىن يۈز قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن.» [مۇسلىم رىۋايىتى].