«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە

«قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە

غەيرەتجان ئوسمان

«قۇرئان كەرىم» ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى. قەيەردە مۇسۇلمانلار بولسا شۇ يەردە «قۇرئان كەرىم» بولىدۇ.

قاراخانىيلار خانىدانلىقى ( 850~1212)نىڭ مەشھۇر خاقانى سۇتۇق بۇغراخان (888~956) مىلادىي 915- يىلى كاشىغەر شەھىرىدە خانىدانلىقنىڭ سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئاۋام خەلقنى ئىسلام دىنىنىڭ يولىنى تۇتۇشقا دەۋەت قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان. «قۇرئان كەرىم»نى دەسلەپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەسلىدىكى ئەرەب تىلىدىكى نۇسخا بويىچە ئوقۇغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى زاماندىن باشلاپلا قۇرئان ئايەتلىرىنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈش قولغا ئېلىنىپ، ھەر قايسى دەۋرلەردە تۈركۈم-تۈركۈملەپ شەرھشۇناسلار يېتىشىپ چىققان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكى شەرھشۇناسلاردىن ھۈسەيىن ئىبنى ئەلى ئىبنى خەلەف كاشىغەرىي بولۇپ، بۇ زات تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ ئۇستازى. قاراخانىيلار خانىدانلىقىنىڭ بىر قانچە ئەۋلاد خانلىرىنىڭ مەنىۋى داھىيسى، مۇدەررىس. ئۇ ئۆمرىدە 200 رىسالىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان. ئۇنىڭ بىر قانچە پارچە شەرھىسى «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» تە نەقىل ئېلىنغان. بۇ مەشھۇر شەرھشۇناس ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى «قۇرئان كەرىم»نى شەرھلەش بىلەن ئۆتكۈزگەن.

ئۇيغۇرلار «قۇرئان كەرىم»نى شەرھ ئارقىلىق چۈشىنىپ كەلگەندىن باشقا  يەنە تەرجىمىسى ئارقىلىقمۇ چۈشەنگەن. «قۇرئان كەرىم» قاراخانىيلار خانىدانلىقى زامانىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن، يەنى 12-ئەسىردىن باشلاپ 14-ئەسىرگىچە ئىلگىرى كېيىن ئالتە قېتىم ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر تۈركىي تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 12-، 13- ئەسىردىكى قوليازما نۇسخا بولۇپ، بۇنى مۇھەممەد ئىبنى ھاجى دۆلەتشاھ ھىجرىيە 734-يىلى ( مىلادى 1333-يىلى) ئىراننىڭ شىراز شەھىرىدە نەپىس ئەرەب يېزىقى بىلەن كۆچۈرۈپ چىققان. جەمئىي 902 بەت. ھەر بىر بېتىدە توققۇز قۇر خەت بار. مەزمۇنى تولۇق، ئەرەب تىلىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئاستىدا قىزىل سىياھ بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل تەرجىمىسى يېزىلغان، تەرجىمان ئەسلىگە سادىق بولغان ئاساستا مېھنەت سىڭدۈرگەن. بۇ تىپىك ئۇدۇل تەرجىمە نۇسخا ھازىر تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدىكى تۈرك ۋە ئىسلام ئەسەرلىرى مۇزېيىدا ساقلانماقتا. ئەپسۇسكى، بۇ تەۋەرۈك نۇسخىنى كىم، قەيەردە، قاچان تەرجىمە قىلغانلىقى توغرىلىق ئۇچۇر پىنھان بولماقتا. ئۇنىڭدىن كېيىن تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلارنىڭمۇ تەرجىمانلىرى ئېنىق ئەمەس. بۇلار ھازىر لوندون ۋە تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەردىكى مۇزېيلاردا ساقلانماقتا.

«قۇرئان كەرىم» 17-ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە يەنە كۆپ قېتىم ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. مەسىلەن، ياركەنت ھۆكۈمدارى خوجا ياقۇپ ( ئەدەبىي تەخەللۇسى ئەرشىي، 1685~1756 ياشىغان، 1735~1756 ھۆكۈمدار بولغان) دىۋان خىراجىتى بىلەن «تەفسىرىي قۇرئان» نى ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەتكۈزگەن. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد سادىق كاشىغەرىي ( 1725~1849) مۇ «قۇرئان كەرىم تەفسىرى» نى ئىشلەپ تۈگەتكەن. ئەمما ئالىمنىڭ بۇ خىزمىتى قانچىنچى يىلى تاماملانغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

قاغىلىقتا ئۆتكەن داڭلىق ئۆلىما ھۈسەيىنخان تەجەللىي ( 1856~1925) 1910- يىلى ئۇيغۇرچە «قۇرئان تەفسىرى»نى ئىشلىگەن. تەجەللىينىڭ شاگىرىتلىرىدىن ئابلىكىم مەخسۇم ھاجى « تەجەللىي – مۇجەللىي» ناملىق كىتابى ( قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشر قىلغان) دا ئېيتىشىچە، تەجەللىي ھەزىرەتلىرى بۇ تەفسىرنى ئابدۇقادىر داموللام ( 1869~1924)، شەمسۇددىن داموللام ( 1882~1936) ، ھۈسەيىن باي ھاجى ۋە باھاۋۇدۇن باي قاتارلىق قەشقەر كاتتىلىرىنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن يېزىپ چىققان. يەنە شۇ 1910- يىلى چۆچەكتىكى روزى ئاخۇننىڭ تەشەببۇس قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن يۈسۈپ داموللام «قۇرئان كەرىم تەفسىرى» نى تاللاپ تەرجىمە قىلىپ چىققان.

شەمسىددىن داموللام بۇرادىرى تەجەللىي ھەزىرەتلىرىنىڭ تەرجىمىسىدىن كېيىن يەنە بىر ئاممىباب ، چۈشىنىشلىك قىلىپ «قۇرئان كەرىم تەفسىرى»نى تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا نام چىقارغان.

«روشەن بايان- تۈركىي تەفسىرۇل قۇرئان» دېگەن نامدىكى ئۇيغۇرچە تەفسىر سابىت داموللام (1883~1942) شىڭ شىسەي تۈرمىسىدە ( 1937- يىلىدىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ) ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئىشلەپ چىققان قىممەتلىك ئەمگەك. تەرجىمان بۇ تەرجىمە «مۇقەددىمە»سىدە: « ھەر  سائادەتنىڭ يۇلتۇزى، ھەر شاراپەتنىڭ يىلتىزى، ھەر ئىلىم-مەرىپەتنىڭ دېڭىزى، ھېكمەت ئادالەتنىڭ تارازىسى شەكسىز قۇرئان ھېكىمدۇر. بۇ قۇرئان ھېكىم خۇدانىڭ كالامى بولغاچ بەندىنىڭ ئۇنى بايان قىلمىقى پەۋقۇلئاددە قىيىن ئىدى... كەمىنە بۇ مەيدان كىشىلىرىدىن بولمىساممۇ ۋە مېنىڭ ئىشىم ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكتىن ئۇلارنىڭ ئىشلىرىدەك بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر كىشىگە ئۆز قۇدرىتىگە بېقىپ دىن-مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلماق بەك زۆرۈر بولغان سەۋەبتىن قۇرئان ھېكىمنى نازىرلار ( ئوقۇرمەنلەر) مالال بولغۇدەك ئۇزۇن قىلماي ۋە مەنىسىگە دەخلى بەرگۈدەك قىسقا قىلماي، ئوتتۇرا ھال بىر تەفسىر قىلسام دەپ كۆپ زاماندىن بېرى خىيال قىلىپ، ئۇزۇن – قىسقا تەفسىرلەرنى توپلاپ ئۇنىڭدىن ئىستىفادە قىلغانىدىم ( پايدىلانغانىدىم). ھەمدۇ-سانانىڭ ئىگىسىگە چەكسىز ھەمدۇ-سانا بولسۇنكى، خۇدانىڭ لۇتفىي ئىنايىتى بىلەن ۋە تەۋپىق ھىدايىتى بىلەن ھىممەتلىك نازىرلارنىڭ كۆڭۈللىرى خۇرسەن بولغۇدەك زىبا بىر كىتاب بولدى» دەپ يازغان. بۇ تەرجىمە-تەفسىر 30- پارىسى 1948-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىپ تارقىتىلغان. بۇ تەفسىرنىڭ قوليازما نۇسخىسىنى سابىت داموللامنىڭ غۇلجىدا ئولتۇرۇشلۇق ئوغلى ھاجى ئابدۇللا 1961- يىلى ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تەتقىقاتى ئورنىغا ھەدىيە قىلغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن داموللا مۇھەممەد زىرىپ قارى ھاجى (1858~1956) 1955- يىلى غۇلجىدا «قۇرئان كەرىم تەفسىرى»نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ چىققان.

مۇھەممەد سالىھ داموللا تەرجىمە قىلىپ ، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ تەرجىمىسى ئىشەنچىلىكلىكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئالاھىدىلىكى بويىچە چۈشىنىشلىك، توغرا ئىشلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن شىنجاڭدىكى بىر قاتار مىللەتلەر ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى چەتئەللەردىمۇ نام چىقاردى.

دېمەك، «قۇرئان كەرىم» ئۆز زامانىسىدىن باشلاپلا ئىنسانىيەت ئورتاق مەنىۋىي مىراسىغا ئايلىنىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن مىڭ يىل مۇقەددەم ئۇيغۇرلار «قۇرئان كەرىم» بىلەن ئۇچراشقان. ئېتىقاد ۋە مەنىۋىي ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشتا، مەنتىقىي ، ئەقلىي ۋە ئوبرازلىق تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. تارىختا ئۇيغۇر ئۆلىمالىرى ئىچىدە ئەرەب تىلىنى بىلىدىغانلىرى «قۇرئان كەرىم» دىن بىۋاسىتە پايدىلانغان بولسا، بىر قىسىم مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالار كەڭ مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ئوبدان قاندۇرۇش ئۈچۈن تەرجىمە – تەفسىر ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بۇ ئۇلۇغ كىتابنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەپ ئاممىغا تەقدىم قىلغان. قۇرئانشۇناسلىق دۇنياۋىي ئىلىم بولۇپ شەكىللىنىش جەريانىدا ھەر قايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىسىنى قۇبۇل قىلغان. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە خېلىلا مۇھىم تۆھپە قوشقان مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

(جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلى، 2003-يىل، 3-سان ئېلان قىلىنغان)