ئۆيلىرىمىزنى مەسچىتكە ئايلاندۇرايلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار
مەلۇمىڭلار بولغىنىدەك تۈركىيە، كۇۋەيت، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى قاتارلىق خېلى كۆپ جايلاردا خىتاي ۋىرۈسى سەۋەبلىك ۋاقىتلىق «جامائەت بىلەن ناماز ئۆتىمەسلىك» توغرىسىدا پەتىۋالار بېرىلدى، بۇيرۇقلار ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.
ئىنشائاللاھ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلۇپ، جامىلىرىمىز قايتىدىن جامائەت بىلەن تولغاي.
ئەمدى بۇنىمۇ ئائىلىمىز بىلەن سەپ تۇتۇپ جامائەت بولۇپ ناماز ئۆتەشكە ئادەتلىنەيلى ۋە ئۆيلىرىمىزنى ئايەتتە تەرىپلەنگەندەك «قىبلە»گە يەنى نامازنى جامائەت بىلەن ئوقۇيدىغان جاي: مەسچىتكە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشايلى.
سۈرە يۈنۈس 87 - ئايەت
وَأَوْحَيْنَا إِلَى مُوسَى وَأَخِيهِ أَن تَبَوَّءَا لِقَوْمِكُمَا بِمِصْرَ بُيُوتًا وَاجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قِبْلَةً وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَبَشِّرِ الْمُؤْمِنِينَ
بىز مۇسا بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشىغا: «قەۋمىڭلار ئۈچۈن مىسىردا ئۆيلەر ياساڭلار، ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇيدىغان جاي قىلىڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، مۆمىنلەرگە (دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدىغانلىقى بىلەن) خۇش خەۋەر بېرىڭلار» دەپ ۋەھىي قىلدۇق[87].
http://www.qurankerim.com