ئى روزىدار قېرىندىشىم

بىسمىللاھىر رھمانىر رەھىم
مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز ھازىر رامزان ئېيىدا ياشاۋاتىمىز. ئەلھەمدۇ لىللاھ روزىمىزنى تۇتۇپ، ئاللاھ تائالانىڭ بىر ئەمرىنى ئورۇنداشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئاللاھ تەئالادىن روزىمىزنى ۋە باشقا ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىشىنى تىلەيمىز.
روزىنىڭ پەزىلىتى ئۇلۇغ، ساۋابى كۆپ، مۇكاپاتى كاتتىدۇر. روزىنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ تەئالا ئۆزى بېرىدۇ. ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن يېمەك – ئىچمىكىنى تەرك ئەتكەن مۇئمىنغا ئاللاھ تەئالا جەننەتنىڭ مېۋىلىرىدىن يېگۈزىدۇ ۋە ئۇنى »سەلسەبىل» دېگەن بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن سۇغىرىدۇ.
«روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ بەد بۇيى، ئاللاھنىڭ نەزەرىدە ئىپارنىڭ ھىدىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر».
«جەننەتنىڭ رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىكى بار بولۇپ، ئۇ ئىشىكتىن پەقەت روزا تۇتقۇچىلارلا كىرىدۇ».
«ئۇنداق تەقۋادارلار ئاخىرەتتە سايىلاردا بولىدۇ، بۇلاقلارنىڭ سۇلىرىدىن ئىچىدۇ، كۆڭلى تارتقان مېۋىلەردىن يەيدۇ، ئاللاھ تەئالا ئۇلارغا ‹يەڭلار ۋە ئىچىڭلار، لەززەتلىك ۋە سىڭىشلىق بولسۇن، چۈنكى سىلەر ئەمەل قىلغان ئىدىڭلار› دەيدۇ».
روزا بىلەن نەپىسلەر پاكلىنىدۇ، بەدەنلەر ساغلاملىشىدۇ . ئىنسان، پەرىشتە بىلەن ھايۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەخلۇقتۇر. ئۇ، ئاللاھ تەئالا بۇيرۇغان ئەمەل – ئىبادەتلەرنى قىلسا روھى پاكلىنىدۇ، دىلى ئاقىرىدۇ، ئەقلى ئۆتكۈرلىشىدۇ، كۆڭلى ئېچىلىدۇ، پىكرى يۈكسىلىدۇ، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئېرىشىدۇ، قىيامەت كۈنى پەيغەمبەرلەر، سىددىقلەر ۋە شېھىتلەر بىلەن بىللە بولىدۇ. يەنى ئۇ، ئىبادەت قىلىش بىلەن پەرىشتىلىككە يېقىنلىشىپ، ھايۋانلىقتىن يىراقلىشىدۇ.
گېلىغىلا كۆڭۈل بۆلۈپ كەتكەن ئىنسان، ئادەم شەكلىدىكى ھايۋانغا ئايلانغان بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئۇ، يېگۈچىلەرگە تائام، پايدىلانغۇچىلارغا بىر سايمان بولىدۇ.
ئى ئادەم بالىسى! ئاللاھ تەئالا ساڭا بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا ئىختىيار بەرگەن. ئۇنداقتا سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن خالىغىنىڭنى تاللا. يا بۇ پانىي دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى تاللا، ياكى ئۇ باقىي دۇنيانىڭ ئەبەدىي راھەتىنى تاللا. شۇنى ئۇنتۇماكى: سېنىڭكى تۈگەيدۇ، ئاللاھنىڭكى تۈگىمەيدۇ. ئاللاھ توغرا يولنى تاللاپ ئۇدۇل ماڭغۇچىلارغا پۈتمەس – تۈگىمەس نېمەتلەر ئاتا قىلىدۇ.
شۇ ئۇزۇن ۋە ئىسسىق كۈنلەردە روزا تۇتقان كىشىنىڭ ساۋابى ناھايىتى چوڭدۇر. چۈنكى ئۇنىڭ بېشىدا ئاللاھدىن باشقا نازارەتچى يوقتۇر، ئۇ پەقەت ئاللاھدىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا روزا تۇتىدۇ. «روزا تۇتقۇچىغا ئىككى خۇشاللىق بار؛ بىرى ئىپتار قىلغان چېغىدا، يەنە بىرى ئاللاھغا مۇلاقات بولغان چېغىدا»