مۇھەممەد سالىھ قاراجىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى قايتىدىن بېسىلدى!

مۇھەممەد سالىھ قاراجىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى قايتىدىن بېسىلدى!

جانابى ئاللاھ ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ توغرا يولدا مېڭىشى ۋە شۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش بىلەن بىرگە ساماۋى كىتاپلارنى نازىل قىلدى. ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىنىڭ ھەق-ناھەق، ھالال-ھارام، باتىل-توغرا، زۇلۇم- ھۆرلۈك ۋە سائادەت - شاقاۋەتنى ئايرىپ ھىدايەت تېپىشى، شۇ ئارقىلىق دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇيەسسەر بولۇشى ئۈچۈن قۇرئان كەرىم نازىل قىلىنغاندۇر. قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلى بىلەن نازىل قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ يوليۇرۇقىنى بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى توغرا شەكىلدە ئادا قىلىشى ئۈچۈن، ھەر مىللەتنىڭ ھەقىقى ئەھلى-ئىلمى ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندۇر. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ يوليۇرۇقىنى بىلىش ۋە چۈشۈنۈشكە بولغان جىددى ئىھتىياجىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن يىتىشىپ چىققان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم  تەرجىمە قىلىپ چىققان ۋە 1986-يىلى بېسىلغان تەرجىمە قامدىغاندۇر.

مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىم تەرجىمىسىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ناھايىتى ئىخچام، چۈشۈنۈشلۈك، تىل ۋە مەنا جەھەتتىن ئىنتايىن ساغلام بولۇپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى چۈشۈنۈشىدە ئاساسى رول بولۇپ كەلمەكتە. لېكىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىم تەرجىمىسىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ قايتا نەشىر قىلىنماسلىقى ۋە ياكى نەشىر قىلىندۇرماسلىقى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇرئان كەرىمنى توغرا شەكىلدە چۈشۈنۈشكە بولغان تەشنالىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى مۇھەممەد سالىھ داموللام ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى ئىستانبۇلدا قايتا نەشىر قىلغان.

بۇ خىزمەتكە تۆھپە قوشقان بارلىق قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن. ئاللاھ مەزكۇر تەرجىمىنى روياپقا چىقارغان پىشقەدەم ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ قاراجىمدىنمۇ رازى بولسۇن!